ئىزاھات

شافائەت جۈپ نەرسە ۋە جۈپ ھالەتكە كەلتۈرمەك دېگەن مەنىدىكى شەفئى كەلىمىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، مەنىسى - باشقىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن گەپ قىلىش، ۋاسىتە بولۇش، ياخشى تىلەكتە بولۇش، يېنىغا بېرىپ يار - يۆلەك بولۇش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. 4 - سۈرە نىسانىڭ 84 - ئايىتىدىكى شافائەت مانا بۇ مەنىلەردە كەلگەن. مۇشرىكلار شافائەتنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزۇش دېگەن مەنىدە چۈشىنەتتى ۋە شۇنداق ئېتىقاد قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ مەنىدىكى شافائەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، باشقا ھېچكىمنىڭ بۇنداق شافائەتكە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىرقانچە ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە 48 -، 123 - ۋە 254 - ئايەتلەر؛ 6 - سۈرە ئەنئام 51 - ۋە 70 -ئايەتلەر؛ 32 - سۈرە سەجدە، 4 - ئايەت، 40 - سۈرە غافىر، 18 - ئايەت، 39 - سۈرە زۇمەر، 44 - ئايەت). لېكىن بىرقانچە ئايەتتە ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرگە ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن شافائەت قىلالايدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 255 - ئايەت، 20 - سۈرە تاھا، 109 - ئايەت، 21 - سۈرە ئەنبىيا، 28 - ئايەت، 34 - سۈرە سەبەئـ، 23 - ۋە 42 - ئايەتلەر). بۇنىڭدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، ئازابىدىن ۋە جازاسىدىن قۇتقۇزۇش مەنىسىدە شافائەت يوق. ئەمما ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەر ئاللاھ رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن ئۆزئارا شافائەت قىلىشالايدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە: ئا - ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر - بىرى ھەققىدە دۇئا قىلىشلىرىغا رۇخسەت بەرگەن (قاراڭ: 59 - سۈرە ھەشر، 10 - ئايەت)، پەرىشتىلەرنىڭمۇ مۇئمىنلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ھەققىدە دۇئا قىلىشلىرىغا رۇخسەت بەرگەن (قاراڭ: 40 - سۈرە غافىر، 7 - ئايەت؛ 42 - سۈرە شۇرا، 5 - ئايەت؛ 53 - سۈرە نەجم، 26 - ئايەت). ئاللاھ تائالا ئەگەر مەغپىرەت قىلىنىشى تىلەنگەن تەرەپتىن رازى بولغان بولسا بۇ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدۇ. ئە - ئاللاھ تائالا جەننەتكە ئۆز ئىمانى ۋە ئەمىلى بىلەن كىرىپ بولغان، لېكىن تۆۋەن مەرتىۋىلەردە قالغانلارنى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ تىلىكى بىلەن بۇلارنىڭ يېنىغا يۆتكەپ قويىدۇ (قاراڭ: 13 - سۈرە رەئد، 23 - ئايەت؛ 52 - سۈرە تۇر، 21 - ئايەت).‏
20

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى