ئىزاھات

‎‏ نۇشۇز دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە بۇ ئايەتتە ئاياللار ئۈچۈن، بۇ سۈرىنىڭ 128 - ئايىتىدە ئەرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز لۇغەتتە كۆپمەك، ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك، تومپايماق، ئېگىز يەردە تۇرۇپ قارىماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. (ئىبنى فارىس، «نشز»، 5: 430؛ راغىب ئىسفەھانى، «نشز»، 806؛ ئىبنى مەنزۇر، «نشز»، 5: 417). تەپسىرلەردە بۇ سۆز ئۆزىنىڭ لۇغەت مەنىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزاھلىنىدۇ. بىز ئۇ مەنىلەرنى بىر كەلىمە بىلەن ئىپادىلىيەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ سۆزنى ئەينەن ئالدۇق. نۇشۇزنىڭ ئاتالغۇ مەنىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1 - ئاياللارنىڭ نۇشۇزى - ئۆزىنى ئېرىدىن ئۈستۈن كۆرۈشى ۋە ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىشى، ئېرىنى يامان كۆرۈشى ۋە باشقا ئەرلەرگە كۆز سېلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى، شۇنداقلا ئېرىگە ئىتائەت قىلماسلىقى قاتارلىقلاردۇر. 2 - ئەرلەرنىڭ نۇشۇزى بولسا - ئۆزىنى ئايالىدىن ئۈستۈن كۆرۈشى ۋە ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىشى، ئايالىنى يامان كۆرۈشى ۋە باشقا ئاياللارغا كۆز سېلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئايالىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئايەتتە ئاياللىرىنىڭ نۇشۇزىدىن قورققان ئەرلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى، 128 - ئايەتتە بولسا، ئەرلىرىنىڭ نۇشۇزىدىن قورققان ئاياللارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.‏
20

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى