ئىزاھات

‎‏ 26 - شۇئەرا سۈرىسىنىڭ 34 - ۋە 35 - ئايەتلىرىدە بۇ سۆزلەرنى فىرئەۋن ئۆزىنىڭ چۆرىسىىدىكى ئەمەلدارلارغا ئېيتقانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق: «فىرئەۋن چۆرىسىدىكى مەرتىۋىلىك كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: ‹بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن. سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟›». بۇ ئايەتتە بولسا، بۇ سۆزنى فىرئەۋننىڭ چۆرىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتقانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. دېمەككى، بۇ سۆزنى دەسلەپتە فىرئەۋن ئېيتقان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى ئەمەلدارلار ئۇنى تەستىقلاش ماھىيىتىدە ئۇ سۆزنى تەكرارلىغان. ياكى بۇ سۆزنى فىرئەۋن ئېيتقان، ئەمەلدارلار باشقىلارغا ئەينەن يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالغان، شۇنداقلا فىرئەۋنگە يەتكۈزگەن.‏
20

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى