ئىزاھات

‎‏ ئاجىزلار، كېسەللەر ۋە پېقىرلار ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالغان چاغلىرىدا پىتنىگە يول قويمىسا، يالغان خەۋەر تارقاتمىسا، ئۇرۇشقا كەتكەن مۇجاھىتلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەمچى بولسا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ئۇرۇشقا چىقمىغانلىقلىرى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشىنى مەنئى قىلىدىغان ھۆكۈم يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىنىپلاردىن بىرى، قوشۇنغا يۈك بولماسلىق شەرتى بىلەن، ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا چىقسا بولىدۇ.‏
20

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى