ئىزاھات

‎‏ ئۇلار يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىناتتى، قىلغان تىجارەتلىرىدىن پايدا ۋە تېرىغان زىرائەتلىرىدىن مول ھۇسۇل ئالاتتى، شۇنداقلا باياشاتلىق ئىچىدە ياشايتتى. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا تولۇق ئەمەل قىلىش، كىشىنى مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالدىدا ماڭغۇزۇش بىلەن بىرگە باياشاتلىق ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىرىدۇ. ئىلاھىي كىتابنى تاشلاپ مەنپەئەت پەلسەپىسى بويىچە ئىش قىلىدىغانلار، ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالىدۇ، شۇنداقلا كەمبەغەللىك، يوقسۇللۇق، پەرىشانلىق ۋە خورلۇق ئىچىدە ياشايدۇ. بىر جەمئىيەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى تولۇق ئىجرا قىلىنسا، ھېچكىم قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. ھەركىم ھەققىنى ئالىدۇ. ھەر كىم بايلىق، مولچىلىق ۋە باياشاتلىقنى قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئىزدەيدۇ. مانا مۇشۇنداق چاغدا ئاسماندىن نېمەتلەر ياغىدۇ، زېمىندىن بايلىقلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇرت مەمۇرچىلىققا چۆمىدۇ.‏
21

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى