ئىزاھات

مۇشرىكلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى: «خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەت بىرلا شېرىكىڭ بار، ئۇ ۋە ئۇ ئىگە بولغان ھەممە نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئى ئاللاھ!». ئىبىن ئابباس (ر.ئە) مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار «خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى (مۇسلىم، «ھەج» 22). دېمەككى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ بۇتىنى ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئېتىقاد قىلاتتى ۋە ئېكىنلىرى بىلەن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە، بۇتلىرى ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىيتتى. ئايەتتە پۈتۈن مۇشرىكلارنىڭ بۇ باتىل قىلمىشى ئەيىبلىنىدۇ.
21

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى