ئىزاھات

بۇ ئايەتتە، ھال - ئەھۋالى ئوبدان تۇرۇقلۇق پەقەت قورقۇنچاقلىقى ۋە دىنغا ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىنلا ئۇرۇشقا قاتناشمىغان، ئاندىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئاساسسىز باھانە - سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا قويغان مۇنافىقلارنىڭ «نىجىس» ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتىدۇر. چۈنكى مۇنافىق سەمىمىيەتسىز بولۇپ، يا مۇئمىنغا ئوخشاش ئىمانىنى ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ ياكى كافىرغا ئوخشاش كافىرلىقىنى ئېلان قىلالمايدۇ. ئۇ مەيدانسىز، تۇراقسىزدۇر. ئۇ ئاددىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەر خىل رەڭگە كىرىدۇ. مانا قۇرئاننىڭ «نىجىس» دېگىنى، ئۇنىڭ بۇ يىرگىنچلىك تەبىئىتى ۋە يامان ئەخلاقىدۇر.‏
21

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى