ئىزاھات

«فۇرقان» كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسى ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى دېگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان پۈتكۈل كىتابلار «فۇرقان» دەپ ئاتىلىدۇ (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 4 - ئايەت). «فۇرقان» بۇ ئايەتتە كىتاب بىلەن بىرلىكتە كەلگەنلىكى ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن توققۇز مۆجىزىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ توققۇز مۆجىزە 17 - سۈرە ئىسرانىڭ 101 - ئايىتىدە ۋە 27 - سۈرە نەملنىڭ 12 - ئايىتىدە زىكىر قىلىنىدۇ.‏
22

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى