ئىزاھات

ئىبىن ئابباس (ر.ئە) مۇنداق دەيدۇ: مۇشرىكلار ئېكىنلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە، بۇتلىرى ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىيتتى. ئۇلار بۇتلىرى ئۈچۈن ئايرىغىنىنى بۇتقا چىقىم قىلاتتى. ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنى بىلەن ئۆسمۈرلەرنى ۋە يوقسۇللارنى تەمىنلەيتتى ۋە ئۆزلىرى بۇنىڭدىن يېمەيتتى. ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىدىن بۇتلار ئۈچۈن ئايرىغىنىغا بىرەر نەرسە چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى شۇنداقلا تاشلىۋېتەتتى ۋە: «ئاللاھ بۇنىڭدىن بىھاجەت» دەيتتى. ئەگەر بۇتلار ئۈچۈن ئايرىغىنىدىن ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىغا بىرەر نەرسە چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى ئېلىپ بۇتلىرىنىڭ نېسىۋە قايتۇرۇۋېتەتتى ۋە: «بۇ پېقىر» دەيتتى. (فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 13: 158).
22

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى