ئىزاھات

ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان شەيتانلار ئاۋۇ مۇشرىكلارغا ئېكىنلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر ئۈلۈش، بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ئايرىشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك، ماۋۇ مۇشرىكلارغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلار بۇ ئىشنى ئىككى مەقسەت بىلەن قىلدى. بىرى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يوقىتىش. (بۇ يەردىكى دىن ئىبراھىم ۋە ئىسمائىلدىن كەلگەن دىندۇر).
23

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى