ئىزاھات

ئاللاھ تائالا يامانلىق قىلغانلارنى جازالاشنى بىر قانۇن قىلىپ بېكىتكەن. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا يامانلىق كېلىشى مۇسانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بولغان مۇئمىنلارنىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن كەلگەن. ئىنسانلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تائالا بىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر قانۇنى بويىچە ئۇلارنى جازالايدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ جازانىڭ ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ‏
23

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى