ئىزاھات

مەككىدە ئەقەبە كېچىسى ئەنسارلاردىن 70 كىشى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغاندا، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! رەببىڭ ئۈچۈن ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن خالىغىنىڭنى شەرت قىلغىن» دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «رەببىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى، ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى شېرىك قىلماسلىقىڭلارنى شەرت قىلىمەن. ئۆزۈم ئۈچۈن مېنى جان ۋە ماللىرىڭلارنى قوغدىغاندەك قوغدىشىڭلارنى شەرت قىلىمەن» دېدى. ئۇلار: «ئۇنداق قىلساق بىزگە نېمە بار»؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «جەننەت» دېدى. ئۇلار: «نېمىدېگەن پايدىلىق سودا! بۇ سودىنى بۇزمايمىز، بۇزۇلۇشىنىمۇ خالىمايمىز» دېدى. ئاندىن بۇ ئايەت نازىل بولغان - (شەمسۇددىن قۇرتۇبى، ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، 8: 267؛ ئەبۇل فەدا ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر قۇرەشى دەمەشقى، تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم، ‹بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1419›، 4: 191).‏
23

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى