ئىزاھات

سابىئىيلار قۇرئان كەرىمدە ئازغۇن قەۋملەر قاتارىدا ئۈچ يەردە ئۆتىدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە 62 - ئايەت؛ 5 - سۈرە مائىدە، 69 - ئايەت؛ 22 - سۈرە ھەج، 17 - ئايەت). تارىخ مەنبەلىرىدە ئۇلار ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇمات تۆۋەندىكىچە: سابىئىيلار جەنۇبى مېسوپوتامىيەدە ياشايدىغان ۋە يورۇق - قاراڭغۇلۇق دۇئالىزىمىغا ئاساسلىنىدىغان گنوستىك ئېتىقادلىرى بىلەن تونۇلغان قەۋمدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ «گىنزا» دەپ ئاتىلىدىغان «مۇقەددەس كىتابى» بار (شىناسى گۈندۈز، «سابىئىيلىك»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانە ۋەقفى، 2008) 35: 342 - 344؛ گۈنەي تۈمەر، ئابدۇراھمان كۈچۈك، دىنلار تارىخى، 4 - نەشرى ‹ئەنقەرە: بېرىكان يايىن ئەۋى، 2002›، 127 - 143).‏
24

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى