ئىزاھات

بۇلار «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق بىرقانچە كۈنلا كۆيىمىز» - (قاراڭ: 2 -سۈرە بەقەرە ، 80 – ئايەت)، «يەھۇدىيلار ياكى ناسارالاردىن باشقا ھېچكىم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» - (قاراڭ: 2 -سۈرە بەقەرە ، 111 – ئايەت)، «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىمىز» - (قاراڭ: 5 -سۈرە مائىدە ، 18 – ئايەت) دېگەن يەھۇدىي ۋە ناسارالاردۇر. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قۇرۇق دەۋالىرىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئۇلارنىڭ بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالىغا دىققەت تارتقاندىن كېيىن «ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ» دەيدۇ. 53 - سۈرە نەجمنىڭ 32 – ئايىتىنىىڭ «ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار. ئاللاھ تەقۋادار بولغان كىشىنى ئوبدان بىلىدۇ» دەپ پاكلاش ئۈچۈن كىمنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يەنى پاكلىق ئۆزىنى پاك ھېسابلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ پاك ھېسابلىشى بىلەن بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تەقۋادارلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەقۋادارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بولسا، 2 - سۈرە بەقەرەنىڭ 177 - ئايىتىدۇ بايان قىلىنىدۇ.‏
27

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى