ئىزاھات

‏‎ - 91‎ئايەتتە مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرىسىدىكى ھۆكۈم بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە مەزكۇر ھۆكۆم بىلدۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئۇ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىمان ۋە تەقۋادارلىقتا مۇستەھكەم تۇرۇش شەرتى بىلەن، ئىلگىرى ئۇ نەرسىلەردىن يەپ - ئىچكەن گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەت، «بىرەر ئىش ياكى نەرسىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئايەت نازىل بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئىش ياكى ئۇ نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى قىلىنغان گۇناھلار ئەپۇ قىلىنىدۇ» دېگەن پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ، ئۇ گۇناھنى قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 275 - ئايەت؛ 4 - سۈرە نىسا، 22 - ۋە 23 - ئايەتلەر؛ 8 - سۈرە ئەنفال، 38 - ئايەت)‏
28

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى