ئىزاھات

‎ئاللاھ تائالا ھەجنىڭ ۋاقتى بولغان زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرىدا ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلدى، بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ھاجىلارغا، ھاجىلارنىڭ قۇربانلىقلىرىغا ۋە بۇ قۇربانلىقلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرگە چېقىلىشنى ھارام قىلدى. ھەج ئىبادىتى بىرقانچە كۈنلۈك ئىبادەت بولسىمۇ ھەجنىڭ مەۋسۇمىنى ئۈچ ئاي قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ۋاقىت ئىچىدە تىجارەت قىلىشىغا يول قويدى، ھەتتا بۇنىڭغا تەرغىب قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا كەبىنى ھەج ئىبادىتىنىڭ مەركىزى قىلىش بىلەن بىرگە، ھاجىلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم مەككىدە يەرمەنكە ئېچىپ مال ئېلىم - سېتىمى ۋە زاكالەت ئېلىم - بېرىمى قىلىش ئارقىلىق مال ۋە ئىشنىڭ ئايىغىنى چىقىرىشى، بىلىم ۋە پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىش ئارقىلىق بىر - بىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، سىياسىي، ھەربىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردە توختام تۈزۈشۈش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە ھاسىل قىلىشى قاتارلىقلارغا شارائىت ياراتقان. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كەبىنى «قىيامەن لىنناس (قياما للناس) - ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى» قىلغانلىقىدۇر. دېمەككى، ئاللاھ تائالا كەبىنى مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆرە تۇرۇشىغا، ھەقىقىي مەنىدە جانلىق تۇرۇشىغا، باشقا ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ ئۆرە تۇرۇشىغا سەۋەب ۋە ۋاسىتە قىلغان. ‏
29

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى