ئىزاھات

«رەب»نىڭ مەنىسى ياراتقۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى دېگەن بولىدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 21 - ۋە 22 - ئايەتلەر؛ 6 - سۈرە ئەنئام، 95~103 - ئايەتلەر؛ 10 - سۈرە يۇنۇس، 3 -، 31 - ۋە 32 - ئايەتلەر؛ 20 - سۈرە تاھا، 50 - ئايەت؛ 35 - سۈرە فاتىر، 13 - ئايەت؛ 39 - سۈرە زۇمەر، 6 - ئايەت؛ 40 - سۈرە غافىر، 61 -، 62 - ۋە 64 - ئايەتلەر؛ 96 - سۈرە ئەلەق، 1~5 - ئايەتلەر). «ئالەملەر» - ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى، مەشرىق، مەغرىب ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىكى نەرسىلەرنى، ئادەم ئاتىدىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ (قاراڭ: 26 - سۈرە شۇئەرا، 23~28 - ئايەتلەر؛ 6 - سۈرە ئەنئام، 164 - ئايەت).
3

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى