ئىزاھات

بۇ قانۇن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئەلچىلىرىگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ياردەم بېرىش ۋە دۇنيا - ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈش ، قارشى چىققانلارنى جازالاش ۋە دۇنيا - ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ قانۇنىنى «سۈننەتۇللاھ» دەپ ئاتىغان، شۇنداقلا بۇ قانۇننىڭ ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچ ئۆزگەرمەستىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 56- ئايەت؛ 10- سۈرە يۇنۇس، 103- ئايەت؛ 11- سۈرە ھۇد، 101- ئايەت؛ 28- سۈرە ئەنكەبۇت، 40- ئايەت؛ 30- سۈرە رۇم، 47- ئايەت؛ 41- سۈرە غافىر 40-، 51- ئايەتلەر). مەككە مۇشرىكلىرى ئەنە شۇ ئىلاھىي قانۇننىڭ بۇرۇنقىلارغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ۋە قۇرئانغا ئىشەنمىسە ئۆزلىرىگىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. ‏
3

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى