ئىزاھات

«بەيت» ئۆي، «ئەتىق» كونا، ئازات قىلىنغان دېگەن بولۇپ، كەبىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كەبە ھەم يەر يۈزىگە سېلىنغان ئەڭ قەدىمىي ئۆيدۇر (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 96 - ئايەت) ھەمدە ئاللاھ تائالا دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن ساقلاپ ئازاد ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئۆيدۇر. ئۇ ئۆينىڭ «ھەرەم» (قاراڭ: 5 - سۈرە مائىدە، 2 - ۋە 97 - ئايەتلەر)، «مۇھەررەم» (قاراڭ: 14 - سۈرە ئىبراھىم، 37 - ئايەت) دېيىلىشى، ئۇ ئۆي ئورۇن ئالغان شەھەرنىڭ «بەلەدى ئەمىن» (قاراڭ: 95 - سۈرە تىن، 3 - ئايەت) دېيىلىشى قاتارلىقلار بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ‏
3

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى