ئىزاھات

تەئۋىلنىڭ لۇغەت مەنىسى - نەرسىنى ئۆزىنىڭ غايىسىگە قايتۇرۇش دېگەن بولىدۇ. بۇ يەردىكى تەئۋىل، چۈشىنىش ئۈچۈن ئايەتلەرنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەندۈرۈش دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئايەتلەرنىڭ ئارىسىغا مەنە جەھەتتىن ئوخشاشلىق ئورنىتىپ، ئۇلارنى بىر -بىرىنى بايان قىلىدىغان ھالەتتە نازىل قىلغان. ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنى تېپىپ چۈشىنىش ئاللاھنىڭ تەئۋىلىگە (بايان قىلىشىغا) بويسۇنغانلىقتۇر، ئىلىمدە مۇستەھكەم بولغان ئالىملار مۇشۇنداق چۈشىنىدۇ. ئايەتلەرنى مەزكۇر مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلماي ئۆزى چاغلاپ چۈشىنىش، فىتنە ئىزدەپ ئۇنى ئۆزى تەئۋىل قىلغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ قەلبىدە ئەگرىلىك بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.‏
3

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى