ئىزاھات

بۇ نەبى ئۇلارنى بەزى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، بەزى ئىشلاردىن توسىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى يامانلىققا بۇيرۇپ، ياخشىلىقتىن توسۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ نەبىي ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ پەقەت ياخشىلىققا ۋە ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان ئىشلاردىن توسىدۇ. چۈنكى ئۇ «مۇئمىنلارغا شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر» (قاراڭ: 9 - سۈرە تەۋبە ، 128 - ئايەت).
3

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى