ئىزاھات

ئاللاھ تائالا ئاسماننى ئۈستۈنگە ئورۇنلاشتۇردى (قاراڭ: مۇشۇ سۈرىنىڭ 7 - ئايىتى؛ 50 - سۈرە قاف، 6 - ئايەت؛ 78 - سۈرە نەبەئـ، 12 - ئايەت). زېمىننى پەسكە ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ تۇرالغۇ جايى ۋە ئارامگاھى، يېمەك - ئىچمەكلىرىنىڭ مەنبەسى قىلدى ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنىڭ چارىسىنى ئۇنىڭدا بار قىلدى (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 22 - ئايەت؛ 67 - سۈرە مۇلك، 15 - ئايەت؛ 79 - سۈرە نازىئات، 30 ~33 - ئايەتلەر؛ 51 - سۈرە زارىيات، 48 - ئايەت).
3

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى