ئىزاھات

يېقىنلىق، دوستلۇق، نۇسرەت، ۋارىسلىق، ئارقىمۇئارقا، ئىگىدارچىلىق، يانمۇيان قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدىغان ۋەلائـ (ولاء) سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ۋەلىي (ولي) كەلىمىسى يېرىم سۈپەتداش بولۇپ، بەزىدە ئېنىق سۈپەتداشنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاغدا مەنىسى يېقىنلاشقۇچى، دوست تۇتقۇچى، قوغدىغۇچى، ھىمايە قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى، ۋارىس بولغۇچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بەزىدە مەجھۇل سۈپەتداشنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاغدا مەنىسى يېقىنلىشىلغۇچى، دوست تۇتۇلغۇچى، قوغدالغۇچى، ھىمايە قىلىنغۇچى، باشقۇرۇلغۇچى، مىراسى ئېلىنغۇچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ كۆپلۈك شەكلى ئەۋلىيا (أولياء)دۇر. «ۋەلىي» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەندە ئېنىق سۈپەتداشنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ھەقىقىي مەنىسىدە بولىدۇ‏‎ ‎‏(قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 107 - ۋە 257 - ئايەتلەر؛ 9 - سۈرە تەۋبە، 116 - ئايەت؛ 18 - سۈرە كەھف، 26 - ئايەت؛ 29 - سۈرە ئەنكەبۇت، 22 - ئايەت؛ 32 - سۈرە سەجدە، 4 - ئايەت؛ 42 - سۈرە شۇرا، 31 - ۋە 44 - ئايەتلەر؛ 45 - سۈرە جاسىيە، 19 - ئايەت). شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ئاللاھتىن باشقىسىنى ۋەلىي قىلىۋېلىشنىڭ شېرىك ۋە كۇفۇر بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ (قاراڭ: 7 - سۈرە ئەئراف، 3 - ئايەت؛ 11 - سۈرە ھۇد، 20 - ۋە 113 - ئايەت؛ 13 - سۈرە رەئد، 16 - ئايەت؛ 18 - سۈرە كەھف، 102 - ئايەت؛ 25 - سۈرە فۇرقان، 18 - ئايەت؛ 29 - سۈرە ئەنكەبۇت، 41 - ئايەت؛ 39 - سۈرە زۇمەر، 3 - ئايەت؛ 42 - سۈرە شۇرا، 6 -، 9 - ۋە 46 - ئايەتلەر؛ 45 - سۈرە جاسىيە، 10 - ئايەت). «ۋەلىي» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەندە، ئېنىقلىغۇچىسىغا (مۇزافۇن ئىلەيھىگە) قارىلىدۇ. ئەگەر ئېنىقلىغۇچىسى ئىنسان بولسا، مەجازىي مەنىسىدە، ئېنىق سۈپەتداش مەنسىدە ۋە مەجھۇل سۈپەتداش مەنىسىدە بولىدۇ، ﴿وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ ٧١﴾ «مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر» (9 - سۈرە تەۋبە، 71 - ئايەت) دېگەن ئايەتتىكى «ۋەلىيلەر» بۇ مەنىدىدۇر. ئەگەر ئېنىقلىغۇچىسى لەۋزى جەلال (ئاللاھ) بولسا ھەقىقىي مەنىسىدە ۋە ئېنىق سۈپەتداش مەنىسىدە بولىدۇ، ﴿أَلَآ إِنَّ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٦٢﴾ «ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرىگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» (10 - سۈرە يۇنۇس، 62 - ئايەت) دېگەن ئايەتتىكى «ۋەلىيلەر» بۇ مەنىدىدۇر. يەنى «ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرى» دېگەنلىك ئاللاھ تەرىپىدىن دوست تۇتۇلغان، ھىمايە قىلىنغان ۋە قوغدالغان، ئاللاھ ئۆزىگە يېقىن قىلغان كىشىلەر دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدا بۇلارنى قىسقىلا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ ٦٣﴾ «ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان كىشىلەردۇر» (10 - سۈرە يۇنۇس، 63 - ئايەت). 2 - سۈرە بەقەرەنىڭ 3 -، 4 - ۋە 177 - ئايەتلىرىدە بولسا، ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋە تەقۋادار بولۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ھەقىقەت ئەنە شۇنداق ئاشكارا تۇرۇقلۇق قۇرئاندىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ۋەلىي (ئەۋلىيا) - كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقە - ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلەيدىغان، كىشىلەرنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان، ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ۋاسىتە بولالايدىغان، ئۇچالايدىغان، ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھامان ھازىر بولالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا، ھەتتا ئېتىقاد قىلىنماقتا. بۇ ئېتىقادنىڭ قۇرئاندىكى ئىسلام بىلەن يىراقتىن - يېقىندىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە غەيىبنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى، ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىنى نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى ئوچۇق - ئاشكارا بايان قىلماقتا (قاراڭ: 6 - سۈرە ئەنئام، 50 - ئايەت؛ 7 - سۈرە ئەئراف، 188 - ئايەت؛‏‎ ‎‏11 - سۈرە ھۇد، 31 - ئايەت؛ 21 - سۈرە ئەنبىيا، 109 - ئايەت؛ 46 - سۈرە ئەھقاف، 9 - ئايەت).‏
30

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى