ئىزاھات

مۇنافىقلار سېنىڭ ھۆكمىڭگە رازى بولماي تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرغانلىق گۇناھى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا ئىلاھىي جازا سۈپىتىدە بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە سېنىڭ يېنىڭغا ئۆزرە ئېيتىپ كېلىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمك، بىز تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرۇشتىن پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى (مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى) ياخشىلاشنى ۋە ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدۇق» دەيدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تىلى باشقا، دىلى باشقا ئىكەنلىكى (يەنى مۇنافىق ئىكەنلىكى) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شۇنداقلا رەسۋا بولىدۇ ۋە ئۇ ئازابتىن قۇتۇلۇپمۇ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئويلاپ ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولۇشقا ۋە خەلقىئالەم ئىچىدە رەسۋا بولۇپ يۈزىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشقا سەۋەبچى بولىدىغان مۇنافىقلىقتىن نېمىشقا ساقلانمايدۇ؟ (نېمىشقا سەمىمىي ھالدا مۇسۇلمان بولمايدۇ؟).‏
30

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى