ئىزاھات

‎جاھىلىيەت ئەرەبلىرى بەزى ھايۋانلىرىنى بەزى باھانىلەر بىلەن بۇتلىرىغا ئاتاپ، ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتەتتى، مەسىلەن: ئۇلارنى سۇ ۋە ئوت - چۆپلەردىن مەنئى قىلمايتتى، سۈتلىرىنى ساغمايتتى، مىنمەيتتى، ئۆلتۈرۈپمۇ يېمەيتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى يۇقىرىدىكى ئىسىملار بىلەن ئاتايتتى. ئۇلار بۇنى ئۆز خاھىشلىرى بىلەن قىلىپ، ئۆز خىياللىرى بىلەن ئاتاپ، ئاندىن ئۇنداق قىلىشنى ۋە مۇشۇنداق ئاتاشنى ئاللاھ ئەمر قىلدى دەپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ مەزكۇر دەۋالىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ‏
31

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى