ئىزاھات

‏ شاپائەت باشقىسىغا بىرەر ئىشتا ياردەملىشىش ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلەش، بىرەر ئىشقا تەرغىب - تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئۇ ئىش ئەگەر توغرا ئىش بولسا مەزكۇر ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قىلغان ئىشىدىن ساۋاب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ساۋابنى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا قاراپ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆپەيتىپ يازىدۇ. ناۋادا ئۇ ئىش يامان ئىش بولسا، مەزكۇر ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قىلغان ئىشىدىن بىر كىشىلىك گۇناھ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ بىر گۇناھنى ئۆز ئادالىتى بىلەن بىر گۇناھ ھالىتىدە يازىدۇ. ياخشى شاپائەتتە نەسىبۇن «نصيب»، يامان شاپائەتتە كىفلۇن «كفل» دېيىلىشى مانا بۇ پەرقكە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.‏
39

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى