ئىزاھات

«رەھمان» سان - ساناقسىز ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ. ئۇ ياخشىلىقلار يارىتىش ۋە ماددىي - مەنىۋى پۈتۈن ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئاللاھ تائالا رەھمان سۈرىسى دەپ سۈرە نازىل قىلغان، رەھمان (الرَّحْمَنُ) كەلىمىسىنى ئۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى قىلغان، كېيىنكى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ جىن ۋە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىنى ئەسلەتكەن. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ نېمەتلەرنى ئۆزىنىڭ رەھمانلىق سۈپىتى بىلەن ئاتا قىلغانلىقىنى ۋە رەھماننىڭ مەنىسىنىڭ بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى دېگەن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا يەرلىرىدە «رەھمان» ئىسمى «رەھىم» ئىسمىدىن ئىلگىرى زىكىر قىلىنىدۇ ۋە «رەھمان» ئىسمى يالغۇز زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز نېمەتلىرى ۋە دائىمىي ياخشىلىقلىرى بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن: بۇ يەردە «رەھمان» «رەببىلئالەمىين»دىن كېيىن كەلگەن. بۇ، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ «رەب»لىكنى يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى ئۆزىنىڭ «رەھمان»لىق سۈپىتى بىلەن قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە پۈتۈن «ئالەملەر»گە چەكسىز ياخشىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن «رەھمان» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «ياخشىلىقى چەكسىز» دەپ ئىپادىلەندى.‏
4

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى