ئىزاھات

‏‎16‎‏ - سۈرە نەھلنىڭ 61 - ئايىتى، 18 - سۈرە كەھفنىڭ 58 - ئايىتى ۋە 35 - سۈرە فاتىرنىڭ 45 - ئايىتى بۇ ئىپادىنى تەپسىر قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دەرھال جازالاندۇرىدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجىلى كەلگەندە، ئاللاھ قىلىدىغىنىنى قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» (35 - سۈرە فاتىر، 45 - ئايەت)، «ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن جازالاندۇرىدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجىلى كەلگەندە، ئۇلار ئۇنى قىلچىلىك ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ» (16 - سۈرە نەھل، 61 - ئايەت). «سېنىڭ رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. ئەگەر رەببىڭ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىسا ئىدى، ئۇلارغا ئازابنى دەرھال ئەۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» (18 - سۈرە كەھف، 58 - ئايەت)‏‎. ‎
4

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى