ئىزاھات

بۇ يەردە «ئاللاھ ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىش» كەڭ دائىرىلىك ھالەتتە ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك چىقىمنى كۆرسىتىدۇ: 1 - زاكات (قاراڭ: 9 - سۈرە تەۋبە، 34 - ئايەت)؛ 2 - ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە قىلغان خىراجەتلەر (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 34 - ئايەت)؛ 3 - جىھاد ئۈچۈن قىلىنغان چىقىم، يەنى ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ھەق ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن چىقىم قىلىنغان ھەر تۈلۈك مال، بايلىق ۋە پۇللار (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 95 - ئايەت؛ 8 - سۈرە ئەنفال 72 - ئايەت؛ 9 - سۈرە تەۋبە، 20 -، 41 -، 44 -، 81 - ۋە 88 - ئايەتلەر؛ 49 - سۈرە ھۇجۇرات، 15 - ئايەت؛ 61 - سۈرە سەف، 11 - ئايەت)؛ 4 - سەدىقە (قاراڭ: 63 - سۈرە مۇنافىقۇن، 10 - ئايەت).‏
4

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى