ئىزاھات

«مۇئمىن ئاياللار ياغلىق دەپ ئاتىلىدىغان رەخت پارچىلىرىنى باشلىرىغا ئارتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ‹ياغلىقلىرى› ھالىتىگە كەلتۈرسۇن، ئاندىن ئۇ ياغلىقلىرىنىڭ بەزىسى بولغان ئەتراپىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە (بويۇن، گەدەن، گال ۋە كۆكرەك قاتارلىق جايلىرىنىڭ ئۈستىگە) قويۇپ بەرسۇن» دېگەن بولىدۇ‏‎.‎‏ فەخرۇددىن رازى ئايەتنىڭ بۇ قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مۇفەسسىرلەر مۇنداق دېگەن: «جاھىلىيەت ئاياللىرى ياغلىقلىرىنى ئارقىسىدىن چېگەتتى، ئۇلارنىڭ ياقىلىرى ئالدىدا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گاللىرى ۋە بۇلاپكىلىرى ئوچۇق قالاتتى، بۇ ئايەت بىلەن ئۇلار ياغلىقلىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلاشقا بۇيرۇلدى. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى، گەدەنلىرىنى، چاچلىرىنى، قۇلاقلىرىدىكى زىننەتلىرىنى، گاللىرىنى ۋە گاللىرىنىڭ ئەتراپىنى يۆگىشى ئۈچۈن ئىدى (قاراڭ: فەخرۇددىن رازىي، مەفاتىھۇل غەيب، 23: 364).‏
4

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى