ئىزاھات

بۇ ئايەتتە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ مۇھكەم ئايەتلەر ۋە مۇتەشابىھ ئايەتلەر بولۇپ ئىككى تۈرلۈك ئىكەنلىكى، 11 - سۈرە ھۇدنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە قۇرئان كەرىمنىڭ «ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئايەتلىرى مەزمۇنى ئىخچام، ئېنىق رەۋىشتە تۈزۈلگەن ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتاب» ئىكەنلىكى، 39 - سۈرە زۇمەرنىڭ 23 - ئايىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ «ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن - ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلغان»لىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دېمەك، بۇ كىتابنىڭ ئايەتلىرى ھەم ئىخچام، ئېنىق شەكىلدە ھۆكۈم ئىپادىلەيدۇ، ھەم بىر -بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇشۇنداق نازىل قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇنىڭ سەۋەبىنى 11 - سۈرە ھۇدنىڭ ئىككىنچى ئايىتىدە «بۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن» دەپ بايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا قۇرئاننى ئاللاھتىن باشقىسى تەپسىر قىلغان تەقدىردە بۇ تەپسىرنى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت (قۇللۇق) قىلغان بولىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزى تەپسىر قىلىش ئەمەس، ئاللاھنىڭ تەپسىرىنى تېپىش ۋە ئەينەن يەتكۈزۈشتۇر، خالاس. تەبلىغنىڭ مەنىسىمۇ بۇدۇر. بىر ئايەتنىلا ئېلىپ باشقا ئايەتلەرگە دىققەت قىلماسلىق ناھايىتى خەتەرلىك يولدۇر (ئاللاھ ساقلىسۇن).‏
4

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى