ئىزاھات

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلغان (قاراڭ: 12 - سۈرە يۇسۇف، 111 - ئايەت؛ 16 - سۈرە نەھل، 89 - ئايەت) ۋە بۇ بايانىنى بىرقانچە ئايەتكە يەرلەشتۈرگەن. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە بىر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىردىن كۆپ ئايەت زىكىر قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەر ئايەتتە مەسىلىنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرى بايان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئايەتلەر بىر - بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 7 - ئايەت؛ 11 - سۈرە ھۇد، 1~ 2 - ئايەتلەر). قۇرئان كەرىم مانا بۇ شەكىلدە بىر پۈتۈن ھالدا توغرا ئىلىمدۇر، يەنى ھەر ئىش ۋە ھەر مەسىلە ھەققىدە توغرا مەلۇمات بېرىدۇ، ھەقكە يېتەكلەيدۇ ۋە ھەقىقەتكە باشلايدۇ. لېكىن ئۇنىڭدىكى توغرا ئىلىمگە، توغرا ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلىكتە چۈشىنىش، توغرا تەھلىل قىلىش ۋە ھەقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ مۇھاكىمە قىلىش (4 - سۈرە نىسانىڭ 82 - ئايىتىدىكى «تەدەببۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىقلار بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. قۇرئان كەرىمگە بۇنىڭدىن پەرقلىق ئۇسۇل بىلەن يېقىنلاشقانلارنىڭ ئۇنىڭدىكى توغرا ئىلىمنى ئىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. خالىغان كىشىنىڭ قۇرئاندىكى ئىلىملەرنى ئېسىگە ئالالىشىنىڭ ئاللاھنىڭ خالىشىغا باغلىق بولۇشى، ئۇ كىشىنىڭ ئۇ ئىلىملەرنى ئېسىگە ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك غەيرەتنى كۆرسىتىشى ۋە توغرا يول ئىزدىشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ شەكىلدە شەرتنى ئادا قىلغان كىشىنىڭ قۇرئاندىكى ئىلىمنى ئېلىشىنى خالايدۇ (قاراڭ: 17 - سۈرە ئىسرا، 19- ئايەت).
4

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى