ئىزاھات

گەرچە ئىنسانغا بۇ دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان ئىشلىرىنى ۋە ئارقىسىدا قويۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنى باشقا بىرى ئېيتىپ بەرمىسىمۇ، ئۇنىڭ تىل، قول، پۇت، قۇلاق، كۆز ۋە تېرىلىرى ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە ئارقىسىدا نېمىلەرنى قالدۇرۇپ ئاخىرەتكە كەتكەنلىكىنى، يەنى ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرىدۇ. 24 - سۈرە نۇرنىڭ 24 - ئايىتى، 36 - سۈرە ياسىنىڭ 65 - ئايىتى ۋە 41 - سۈرە فۇسسىلەتنىڭ 20 - ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
4

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى