ئىزاھات

ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىرلا دىن بار. ئۇ بولسىمۇ ئىسلامدۇر (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 19 - ئايەت). ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە باشقا پۈتۈن نەبىيلەرنىڭ دىنى ئەنە شۇ ئىسلام ئىدى (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 130~132 - ئايەتلەر؛ 5 - سۈرە مائىدە، 111 - ئايەت؛ 10 - سۈرە يۇنۇس، 72 - ۋە 84 - ئايەتلەر؛ 12 - سۈرە يۇسۇف، 101 - ئايەت؛ 21 - سۈرە ئەنبىيا، 25 - ئايەت). ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقىنى، يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا نازىل قىلغان كىتابلىرىدا بايان قىلغان. ئۇلار بۇ گۇۋاھلىقنى ئۇ كىتابلاردىن ئوبدان بىلەتتى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن مۇئمىنلارغا: «يەھۇدىي بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېيىشى، ناسارالارنىڭ: «ناسارا بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېيىشى (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 135 - ئايەت) مەزكۇر گۇۋاھلىقنى يوشۇرغانلىق بولۇش بىلەن بىرگە، مەزكۇر نەبىيلەرنى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دېگەنلىكى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دەمسىلەر؟» دېگەن سوئالنى سورىغاندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلاردىن «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟» دەپ سوراشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن «يېنىدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟» دەپ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىي زالىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.‏
43

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى