ئىزاھات

ئۇممەت قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك مەنىدە كېلىدۇ: 1 - ئۇممەت - مەجبۇرىي بولسۇن، ئىختىيارىي بولسۇن، مەلۇم ئىشتا بىرلەشكەن، بىر زاماندا ياكى بىر ماكاندا ياشىغان جامائە، توپلۇق، گۇرۇھ دېگەن بولۇپ بۇ مەنىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ﴿وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا طَٰٓئِرٖ يَطِيرُ بِجَنَاحَيۡهِ إِلَّآ أُمَمٌ أَمۡثَالُكُمۚ﴾ «يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارلىق ھايۋانلار ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان بارلىق ئۇچارقاناتلار سىلەرگە ئوخشاشلا ئۈممەتلەردۇر» (6 - سۈرە ئەنئام، 38 - ئايەت) دېگەن ئايەتتىكى «ئۇممەت» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى تەبىئىي ۋە مەجبۇرىي ھالدا ياشاش يولىدا بىرلەشكەن جامائە دېگەن بولىدۇ. ﴿كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ﴾ «ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى» - (2 - سۈرە بەقەرە، 213 - ئايەت) دېگەن ئايەتتىكى ئۇممەت بولسا بىر يول ئۈستىدە ئىختىيارى ھالدا بىرلەشكەن جامائە دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. 3 - سۈرە ئال ئىمراننىڭ 104 -، 110 - ۋە 113 - ئايەتلىرى، 11 - سۈرە ھۇدنىڭ 118 - ئايىتىدە ئۆتكەن «ئۇممەت»مۇ ئەنە شۇ مەنىدە كەلگەن. 2 - مۇددەت مەنىسىدە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَئِنۡ أَخَّرۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِلَىٰٓ أُمَّةٖ مَّعۡدُودَةٖ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحۡبِسُهُۥٓۗ ... ٨﴾ «ئەگەر بىز ئۇلاردىن ئازابنى چەكلىك بىر مۇددەت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم: ‹ئۇ ئازابنى نېمە توسىدۇ؟› دەيدۇ» - (11 - سۈرە ھۇد، 8 - ئايەت). ﴿وَقَالَ ٱلَّذِي نَجَا مِنۡهُمَا وَٱدَّكَرَ بَعۡدَ أُمَّةٍ ... ٤٥﴾ «يۇسۇفنىڭ ھېلىقى ئىككى ئاغىنىسىدىن قۇتۇلغىنى ئۇزۇن بىر مۇددەتتىن كېيىن يۇسۇفنى ئەسلىدى» - (12 - سۈرە يۇسۇف، 45 - ئايەت). 3 - ئۈلگە ئېلىنىدىغان كىشى‏‎.‎‏ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ كَانَ أُمَّةٗ ... ١٢٠﴾ «ئىبراھىم بىر ئۇممەت ئىدى» - (16 - سۈرە نەھل، 120 - ئايەت). 4 - مەنىۋى يول‏‎.‎‏ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بَلۡ قَالُوٓاْ إِنَّا وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٖ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم مُّهۡتَدُونَ ٢٢ وَكَذَٰلِكَ مَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ فِي قَرۡيَةٖ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتۡرَفُوهَآ إِنَّا وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٖ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم مُّقۡتَدُونَ ٢٣﴾ «ياق! ئۇلار: ‹بىز ئاتا -بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەرمىز› دېدى. شۇنىڭدەك بىز سەندىن ئىلگىرى قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: ‹بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭغۇچى كىشىلەرمىز› دېدى» - (43 - سۈرە زۇخرۇف، 22~23 - ئايەتلەر).‏
45

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى