ئىزاھات

بۇ ئايەتتىكى «نىد» يۇھىببۇنەھۇم «يُحِبُّونَهُمْ» دىكى ھۇم «هُمْ» ئالمىشىنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۇ «كىشىلەر»نىڭ ئۇلۇغ زاتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتتىكى ئەنداد كەلىمىسى «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىندى. ئەنداد دېگەن سۆز قۇرئاندا يەنە باشقا بىرقانچە ئايەتتە ئۆتىدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 22 - ئايەت؛ 14 - سۈرە ئىبراھىم، 30 - ئايەت؛ 34 - سۈرە سەبەئـ، 33 - ئايەت؛ 39 - سۈرە زۇمەر، 8 - ئايەت؛ 41 - سۈرە فۇسسىلەت، 9 - ئايەت). بۇ سۆزنىڭ بۇ ئايەتلەردىكى مەنىسىمۇ «ئاللاھقا ئوخشاش دەپ ئېتىقاد قىلىنغان كىشىلەر»دۇر.‏
49

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى