ئىزاھات

«رەھىم» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ خۇسۇسىي رەھمىتى (ياخشىلىقى) زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە كەلگەن. مەسىلەن: ئادەم ئەلەيھىسسىالامنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتتە (قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 37- ئايەت) ، گۇناھىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان ئايەتلەردە (قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 160- ئايەت؛ 4- سۈرە نىسا، 110- ئايەت؛ 6- سۈرە ئەنئام، 54- ئايەت؛ 7- سۈرە ئەئراف، 153- ئايەت؛ 16- سۈرە نەھل، 119- ئايەت؛ 24- سۈرە نۇر، 5- ئايەت) ، «ھۆكۈملىرى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشى»نىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتتە (قاراڭ: 9- سۈرە تەۋبە ، 118- ئايەت) ئاللاھ تائالانىڭ «رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن. شۇنىڭدەك، چارىسىز قالغانلارغا جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغۇدەك مىقداردا ھارام يېيىشكە رۇخسەت بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە (قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 173- ئايەت؛ 5- سۈرە مائىدە، 3- ئايەت؛ 6- سۈرە ئەنئام، 145- ئايەت؛ 16- سۈرە نەھل، 115- ئايەت)، ئاللاھ تائالانىڭ خالىغان كىشىگە پەزلىدىن ئاتا قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئايەتتە (قاراڭ: 10- سۈرە يۇنۇس، 107- ئايەت)، بەزى كىشىلەرگە ئاتا قىلىنغان خۇسۇسىي نېمەتلەر بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئاخىرلىرىدا (قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 96- ۋە 100- ئايەتلەر؛ ‏‎ ‎‏16- سۈرە نەھل، 5~7- ئايەتلەر) ئاللاھ تائالانىڭ «رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن. جەننەت ئەھلىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردىمۇ (قاراڭ: 36- سۈرە ياسىن، 55~58- ئايەتلەر؛ 41- سۈرە فۇسسىلەت، 32- ئايەت) «رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «رەھىم» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «ئىنئامى كۆپ» دەپ ئىپادىلەندى.‏
5

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى