ئىزاھات

بۇ توغرىدا تەپسىرلەردە ئاساسلىق ئىككى تۈرلۈك چۈشەنچە بار: 1 - ھەر ئىنساننىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدا نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئۇ ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ھەر تۈرلۈك يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ. 2 - ئايەتنىڭ بۇ قىسمى باشتىكى (10 - ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى) «كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەن كىشى»نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ. يەنى كۈندۈزى سىرتتا يۈرگەن بۇ كىشى بېشىغا كېلىدىغان مۇسىبەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى - كەينىگە مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى ۋە نۆكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرىدۇ، بارىدىغان يەرلىرىگە مۇشۇنداق بارىدۇ. ئەسلىدە بۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى (سۈننەتۇللاھ) بويىچە ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان مۇسىبەتلەردىن ساقلىيالمايدۇ، ئۇ مۇسىبەتلەردىن ساقلىنىشنىڭ يولى ئالدى - كەينىگە مۇھاپىزەتچى سېلىپ مېڭىش ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۇ قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشاشتىن ئىبارەتتۇر، خالاس. ‏
5

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى