ئىزاھات

‏ بۇ يەردە مېيىتنىڭ ئىككى تۈرلۈك قەرزى زىكىر قىلىنىدۇ: بىرى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئەسناسىدا، شاھىتلارنىڭ ھوزۇرىدا ئاغزاكى ئېتىراپ قىلىپ ۋارىسلارنىڭ تۆلىۋېتىشىنى تاپشۇرغان قەرزى بولۇپ، بۇ قەرز «ۋەسىيەت» دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ھۆكۈملەر 5 - سۈرە مائىدەنىڭ 106 - ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن قەرزى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ھۆكۈم 2 - سۈرە بەقەرەنىڭ 282 - ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. مېيىتنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئالىدىغان (ۋارس)لار، مىراستىن ئۇنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك قەرزنى تۆلىۋېتىپ، ئاندىن ئېشىپ قالغىنىنى بۇ ئىككى ئايەتتە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىشىشى كېرەك.‏
5

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى