ئىزاھات

ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن قەلبلىرى بار تۇرۇقلۇق چۈشەنمەيدىغان، كۆزلىرى بار تۇرۇقلۇق كۆرمەيدىغان، قۇلاقلىرى بار تۇرۇقلۇق ئاڭلىمايدىغان كىشىلەرنى، باشقا بىر ئايەتتە نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، شۇنداقلا تولىسى ئاڭلىمايدىغان ياكى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەرنى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشىتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ (قاراڭ: 7 - سۈرە ئەئراف، 179 - ئايەت؛ 25 - سۈرە فۇرقان، 43 - ۋە 44 - ئايەتلەر). بۇ ئايەتتە بولسا، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ ئىشلەتمىگەنلىكىنى، توغرا يولدا بولۇپ بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىمايلا ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەن كاپىرلارنى، پادىچىنىڭ توۋلىشىدىن ئۈن ۋە ئاۋازىنىلا ئاڭلايدىغان، سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان پادىغا ئوخشىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىككى ئايەتتە قەلبىنى، ئەقلىنى، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ «كاپىرلار» ئىكەنلىكىنى؛ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلىنغان سۆزدىن ھېچنەرسە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ، كاپىرلارنىڭ ئۇ ھايۋانلارغا تەقلىد قىلىش ۋە چۈشەنمەسلىكتە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 47 - سۈرە مۇھەممەدنىڭ 12 - ئايىتىدە كاپىرلارنىڭ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر يېگەندەك يەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، كاپىرلار بىلەن ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاقىۋەتنى ئويلىماستىن ۋاقىتلىق زوقلىنىشقىلا بېرىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق نۇقتىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏
51

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى