ئىزاھات

‎‏ ئۇ خائىنلار خىيانەتلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ ۋە ئىنسانلار كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ دەپ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى ئاللاھتىن يوشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ، يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەر يەردە ھازىر ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىشنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھتىن ھايا قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنىڭ مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ خائىنلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئويلىسا ئىدى، مەزكۇر خىيانەتنى قىلمىغان بولاتتى، شۇنداقلا بۇنى ئاللاھتىن يوشۇرغان بولاتتى. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىيانەتنى ئاللاھتىن يوشۇرۇشنىڭ بىرلا چارىسى قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ خىيانەتنى قىلماسلىقتۇر.
51

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى