ئىزاھات

دىيەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئېغىر دىيەت، يەنە بىرى نورمال دىيەت. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1 - ئېغىر دىيەت تۆلەش. بۇ دىيەت 40 دانىسى  بوغاز (قورسىقىدا بالىسى بار) بولۇش شەرتى بىلەن 100 دانە تۆگىدۇر. بۇ قەستەنلىك بىلەن ئەمەس، لېكىن قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلغا بېرىلىدىغان ئىككى جازانىڭ بىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىلىڭلاركى، قامچا بىلەن ياكى ھاسا بىلەن ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇرۇلغان كىشى ئۆلۈپ كەتسە بۇ قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ دىيىتى 40 دانىسى بوغاز بولغان 100 دانە تۆگىدۇر» (ئەبۇ داۋۇد، «دىيات»، 18؛ نەسەئىي، «قەسامەت»، 30؛ ئىبن ماجە، «دىيات»، 5). 2 - نورمال دىيەت تۆگە ئىگىلىرىگە 100 تۆگە، كالا ئىگىلىرىگە 200 كالا، قوي ئىگىلىرىگە 2000 قوي، كىيىم ئىگىلىرىگە 200 يۈرۈش كىيىمدۇر (ئەبۇ داۋۇد، دىيات 4543). بۇ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلغا بېرىلىدىغان ئىككى جازانىڭ بىرىدۇ.‏
53

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى