ئىزاھات

‎‏ جاھىلىيەتتە ئەرەبلەر ئاياللارغا ۋە كىچىك بالىلارغا مىراس بەرمەيتتى، ئۆزلىرىنىڭ ھىمايىسىدە بولۇۋاتقان يېتىم قىزلارنى ماللىرىنى دەپ نىكاھىغا ئېلىشقا قىزىقاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن تويلۇق ۋە باشقا ھەقلىرىنى بەرمەيتتى. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ مۇشۇ يەرگىچە بولغان قىسمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئادەتلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلدى. ئاياللار توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سورىغانلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سوئالىغا ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن، يەنى ئاياللار ھەققىدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئايەتلەر نازىل قىلىمەن. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ سوئالىغا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ھەققىدە ھازىرغىچە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرمۇ جاۋاب بېرىدۇ.
56

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى