ئىزاھات

تەپسىرلەردە بۇ ھەقتە بىرقانچە كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا خۇلاسىلەشكە بولىدۇ: 1 - «ئۆيلەرگە ئارقىسىدىن كىرىش» ھەقىقىي مەنىدىدۇر. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جاھىلىيەت دەۋرىدە مەدىنىلىكلەردىن، بەزى قەبىلىلەردىن ھەجگە ئېھرام باغلىغانلار ئۆيلەرگە ۋە ئەتراپى تام بىلەن ئورالغان باغلارغا ئىشىكلەردىن كىرىشنى گۇناھ ھېسابلاپ ئارقىلىرىدىن دېرىزە ئېچىپ ئۇنىڭدىن كىرەتتى ياكى تامدىن ئاتلاپ كىرەتتى، شۇنداقلا بۇنى ياخشىلىق دەپ قارايتتى. ئايەتتە ياخشىلىقنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ ئىش چەكلىنىپ ئۇلار ئىشىكلەردىن كىرىشكە ئەمر قىلىنغان (ئەبۇ جئفەر تەبەرى، جامىئۇل بەيان، 3: 553~560). بۇ مەنىدىكى رىۋايەتنى بۇخارى ۋە مۇسلىممۇ زىكىر قىلىدۇ –(بۇخارى، «تەفسىر»، 29، «ھەج»، 18؛ مۇسلىم، «زۇھد»، 23). 2 - «ئۆيلەرگە ئارقىسىدىن كىرىش» مەجازىي مەنىدىدۇر. ھىلال توغرۇلۇق سوئال سورىغانلار ئاينىڭ دەسلەپتە ئىنچىكە چىقىشى ئاندىن بارغانسېرى يوغىناپ تولۇن بولۇشى، ئاندىن يەنە كىچىكلەشكە باشلاپ دەسلەپتە كۆرۈنگەن ھالىتىگە قايتىشى توغرۇلۇق سورىغان. ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۆيگە ئىشىكىدىن كىرمەي ئارقىسىدىن كىرىشكە ئوخشىتىلىپ، ئۇلار ئۇنداق ئەھمىيەتسىز سوئاللارنى سوراشتىن مەنئى قىلىنىپ، لازىملىق نەرسىلەر ھەققىدە سوراشقا ئەمر قىلىنغان. (زەمەخشەرى، كەششاف، 1: 168). ‏
57

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى