ئىزاھات

‏ فىتنە كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسى - ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى ئوتتا ئېرىتىپ ساپلاشتۇرۇش، بالاغا مۇپتىلا قىلىش، ئىمتىھان قىلىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ (ئەزھىرى، «فتن»، 14: 211؛ ئىبنى فارىس، «فتن»، 4: 472؛ راغىب ئىسفەھانى، «فتن»، 623 -624؛ ئىبنى مەنزۇر، 13: 317). بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئېتىقادقا بېسىم قىلىش (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 191 - ئايەت)، ئىمتىھان (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 102 - ئايەت؛ 6 - سۈرە ئەنئام، 53 - ئايەت؛ 29 - سۈرە ئەنكەبۇت، 2 - ئايەت؛ 21 - سۈرە ئەنبىيا، 35 - ئايەت)، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش (قاراڭ: 5 - سۈرە مائىدە، 49 - ئايەت)، قىيناش (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 191 - ئايەت؛ 16 - سۈرە نەھل، 110 - ئايەت)، بۇزغۇنچىلىق (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 193 - ئايەت)، ئاسىيلىق قىلىش ۋە مۇنافىقلىق قىلىش (قاراڭ: 57 - سۈرە ھەدىد، 14 - ئايەت)، باتىلنىڭ باش كۆتۈرۈشى (قاراڭ: 8 - سۈرە ئەنفال، 73 - ئايەت)، ئازدۇرۇش (قاراڭ: 5 - سۈرە مائىدە، 41 - ئايەت)، ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىش (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 101 - ئايەت)، ئىختىلاپ ۋە تەپرىقە (قاراڭ: 9 - سۈرە تەۋبە، 47 - ئايەت)، جىن چاپلىشىۋېلىش (قاراڭ: 68 - سۈرە قەلەم، 6 - ئايەت)، ئوتقا تاشلاپ قىيناش (قاراڭ: 51 - سۈرە زارىيات، 3 - ۋە 13 - ئايەتلەر؛ 85 - سۈرە بۇرۇج، 10 - ئايەت)، قىيىنچىلىققا يولۇقۇش، بالاغا دۇچار بولۇش (قاراڭ: 9 - سۈرە تەۋبە، 49 - ئايەت؛ 10 - سۈرە يۇنۇس، 83 - ئايەت) مەنىلىرىدە، كۆپىنىچە قىيىنچىلىق بىلەن ئىمتىھان قىلىش ۋە قىيناش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. ‏
58

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى