ئىزاھات

‎‏ يەنى ئاخىرەتلىك ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭدىن دۇنيالىق مەنپەئەت كۆزلەيدىغان كىشى بىلىسۇنكى، ھەر ئىككىلا دۇنيادىكى مەنپەئەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھتىن ئالدى بىلەن ئاخىرەت مەنپەئەتىنى تەلەپ قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندا ئاللاھ تائاللا ھەر ئىككىسىنى بېرىدۇ. لېكىن ئاخىرەتنىڭ ئەمىلى بىلەن دۇنيا مەنپەئەتى تەلەپ قىلغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچ نەرسە يوق. «كىم ئاخىرەت ئېكىنىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئېكىنىنى زىيادە قىلىمىز. كىم دۇنيا ئېكىنىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوق» (42 - شۇرا، 20 - ئايەت). «...ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن› دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ. ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخىشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن› دەيدۇ» - (2 - سۈرە بەقەرە، 200~201 - ئايەتلەر).
59

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى