ئىزاھات

«ئەرشىنىڭ ئىگىسىگە يول ئىزدەش»نىڭ ئىككى تۈرلۈك مەنىسى بار: 1 - «ئەگەر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئۇ ئىلاھلار ئەرشىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىش، ھوقۇق تالىشىش ۋە ئەرشىنى تارتىۋېلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئاللاھ تەرەپكە يۈرۈش قىلاتتى». بۇ مەنىنى 21 - سۈرە ئەنبىيانىڭ 22 - ئايىتى تەكىتلەيدۇ. 2 - «ئەگەر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئۇ ئىلاھلار ئەرشىنىڭ ئىگىسىگە يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كېرەكلىك تىرىشچانلىقلارنى قىلاتتى». بۇ مەنىنى 39 - سۈرە زۇمەرنىڭ 3 - ئايىتى ۋە مۇشۇ سۈرىنىڭ 57 - ئايىتى تەكىتلەيدۇ. ‏
6

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى