ئىزاھات

بۇ يەردە «مۇرادىغا يەتكۈچىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مۇفلىھۇنە» بولۇپ، بۇ كەلىمىنىڭ ئەسلى مەسدىرى (سۆز تومۇرى) «فەلاھ»تۇر. فەلاھنىڭ مەنىسى دائىمىي نېمەتكە ۋە ئەبەدىي ياخشىلىققا ئېرىشىش دېگەن بولىدۇ (خەلىل ئىبنى ئەھمەد، «فلح»، كىتابۇلئەين ‹دارۇ ۋە مەكتەبەتۇل ھىلال: تارىخسىز›، 3: 233؛ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەزھەرىي، «فلح»، تەھزىبۇللۇغە ‹بېرۇت: دارۇ ئىھيائىتتۇراسىل ئەرەبىي، 2001›، 5: 46؛ ئەھمەد ئىبنى فارىس، «فلح»، مۇئجەمۇ مەقايىسىللۇغە ‹دەمەشق: دارۇل فىكر، ھ 1399/ م 1979›، 4: 450؛ راغىب ئىسفەھانى، «فلح»، مۇفرەداتۇ غەرىبىل قۇرئان ‹بېيرۇت: دارۇلقەلەم ھ 1412›، 644؛ ئىبنى مەنزۇر «فلح»، لىسانۇل ئەرەب ‹بېيرۇت: دارۇ سادىر، ھ 1414/ 1993›، 2: 547). بۇ فەلاھ 87 - سۈرە ئەئلانىڭ 14 - ئايىتى بىلەن 91 - سۈرە شەمسنىڭ 9 - ئايىتىدە ئۆزىنى پاك تۇتقانلارغا ۋەدە قىلىنغان. بۇ ئايەتلەردە بولسا، بۇ ۋەدىنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى پاكلاشنىڭ ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىرقانچە ئايەتتە تەپسىلىي بايان قىلىنغان «قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 104 - ئايەت، 7 - سۈرە ئەئراف، 157 - ئايەت، 9 - سۈرە تەۋبە، 88 - ئايەت، 23 - سۈرە مۇئمىنۇن، 1~9 - ئايەتلەر. 24 - سۈرە نۇر، 51 - ئايەت، 30 - سۈرە رۇم، 38 - ئايەت، 31 - سۈرە لۇقمان، 3~5 - ئايەتلەر، 58 - سۈرە مۇجادەلە، 22 - ئايەت، 59 - سۈرە ھەشر، 9 - ئايەت، 64 - سۈرە تەغابۇن، 16 - ئايەت). دائىمىي نېمەت ۋە ئەبەدىي ياخشىلىق - ئەبەدىي ھايات، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق ۋە چەكسىز ئېھتىرام بولۇپ، بۇلار قۇرئان كەرىمدە ئەھلى جەننەتلەرگە ۋەدە قىلىنغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى ﴿خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ﴾ (4 - سۈرە نىسا، 57 - ۋە 122 - ئايەتلەر؛ 5 - سۈرە مائىدە، 119 - ئايەتلەر؛ 9 - سۈرە تەۋبە، 22 - ۋە 100 - ئايەتلەر؛ 64 - سۈرە تەغابۇن، 9 - ئايەت؛ 65 - سۈرە تالاق، 11 - ئايەت؛ 98 - سۈرە بەييىنە، 8 - ئايەت)، ﴿نَعِيمٞ مُّقِيمٌ﴾ (9 - سۈرە تەۋبە، 21 - ئايەت)، ﴿عَطَآءً غَيۡرَ مَجۡذُوذٖ﴾ (11 - سۈرە ھۇد، 108 - ئايەت)، ﴿أُكُلُهَا دَآئِمٞ﴾ (13 - سۈرە رەئد، 35 - ئايەت)، ﴿لَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونٖ﴾ (41 - سۈرە فۇسسىلەت، 8 - ئايەت؛ 84 - سۈرە ئىنشىقاق، 25 - ئايەت؛ 95 - سۈرە تىن، 6 - ئايەت) ۋە ﴿مُّكۡرَمُونَ﴾ (37 - سۈرە ساففات، 42 - ئايەت؛ 70 - سۈرە مەئارىج، 35 - ئايەت) قاتارلىق ئىپادىلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، دائىمىي نېمەت ۋە ئەبەدىي ياخشىلىقنى ھەر كىشى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا پەقەت قۇرئان كەرىمدە تەرىپلەنگەن مۇئمىن مۇسۇلمانلارلا ئېرىشەلەيدۇ. ‏
6

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى