ئىزاھات

بۇ ئايەتتە «تىنچلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە سىلم «السلم» بولۇپ، بۇ كەلىمە ئىككى تۈرلۈك مەنە ئىپادىلەيدۇ: بىرى ئىسلام، يەنە بىرى سۈلھى (يارىشىش، كېلىشىش، ئەپلىشىش). بىرىنچى مەنىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:  «ئى مۇئمىنلار! ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە كىرىڭلار، يەنى ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئىجرا قىلىڭلار، بەزىسىنى قوبۇل قىلىش، بەزىسىنى رەت قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار». ئىككىنچى مەنىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ: «ئى مۇئمىنلار! سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرىڭلار، يەنى ئاللاھ بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، كائىنات بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ھايۋانلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ئىنسانلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ئۆزۈڭلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار».‏
60

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى