ئىزاھات

يۇقىرىدىكى 221 - ئايەتتە ئەر - ئايال مۇشرىكلارنىڭ دوزاخقا چاقىرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئايەت نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن چاقىرىلغان تەرەپ ئائىلە بولىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، ئەر - ئايال مۇئمىنلارنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنى جەننەتكە چاقىرىشى لازىم. ئىسرا سۈرىسىنىڭ 34 - ئايىتىدە بالىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە تەربىيەلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دېمەك، ئائىلىنىڭ تەلىم - تەربىيەسىگە ئەر - خوتۇن ئوخشاشلا مەسئۇل. لېكىن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئائىلىنى بېقىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئەرلەرنىڭ ئىشى، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش، ئېمىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئاياللارنىڭ ئىشى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 233 - ئايەت) تەلىم - تەربىيەگە شارائىت تەييارلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك تاشقى ئىشلارنى بېجىرىش ئەرلەرگە، تەلىم - تەربىيەنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىش ئاياللارغا يۈكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 4 - سۈرە نىسانىڭ 19 - ئايىتىدە ئەر - خوتۇنلارنىڭ بىر -بىرى بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئەمر قىلىنىشى ئاياللارنىڭ ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى سىرتتا يوقنى تېپىش ھەلەكچىلىكىدە بولغان ئەر كىشىنىڭ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىغان، ئۇنىڭ ئامانىتى بولغان ئۆزىنىڭ، بالىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى رەتكە سالمىغان، ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى ياخشى ساقلىمىغان خوتۇنى ئېرى بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش ئۆتكۈزمىگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئايەتكە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى مەئرۇف - شەرىئەت بۇيرۇغان ئىش ياكى شەرىئەتنىڭ ھېچبىر ئەمرىگە خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۆرپ - ئادەت دېگەن بولىدۇ. دېمەككى، ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى ھەقلىرى بىلەن ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى ھەقلىرى ئوخشاشتۇر. لېكىن ئاللاھ تائالا ئائىلىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەرلەرگە بەرگەن. ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئارتۇق بولغان بىر دەرىجىسى مانا بۇ باشقۇرۇش ھوقۇقىدۇر. ئۇلار بۇ دەرىجىگە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى بەزى جەھەتتىن ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مال چىقىم قىلىشى بىلەن لايىق بولغان. 4 - سۈرە نىسانىڭ 34 - ئايىتى ئەنە شۇ ھەقىقەتكە دالالەت قىلىدۇ.‏
66

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى